خىتاي قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ۋىرۇسى تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يىل 7-يانۋاردىن 15-فېۋرالغىچە بولغان 40 كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتنىڭ بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %99.5 ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تاشيول، ئاۋىياتسىيە ۋە تۆمۈر يول يولۇچىلىرىنىڭ سانىنىڭ خىتاي ۋىرۇسىدىن بۇرۇنقى ئەھۋالنىڭ %70 گە يېتىشىدىن ئۈمىد بار بولۇپ، خىتايلارنىڭ 2 مىليارد 100 مىليون قېتىم سەپەر قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۆتكەن يىلى 17-يانۋاردىن 25-فېۋرالغىچە بولغان 40 كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە 1 مىليارد 60 مىليون قېتىم ساياھەت قىلىنغان.
«دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى كۆچۈش» دەپ ئاتالغان يۈز مىليونلىغان خىتايلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىنى زىيارەت قىلىشى يېڭى يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايلارنىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدە بولىدۇ. ئۇندىن باشقا خىتايدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۈچىنچى ئۆلكە بولغان خېنەندە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ %90 يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خېنەن ئۆلكىلىك سەھىيە كومىتېتى 99 مىليون 400 مىڭ نوپۇسى بار خېنەندە ھازىر 88 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۆلكىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ %90 گە توغرا كېلىدىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقۇم شىددەت بىلەن يامراۋاتقان خەتەرلىك پەيتتىمۇ، بارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋە چېگرالارنى ئېچىشى دۇنيادا جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاي يولۇچىلارغا قارىتا خىلمۇخىل تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر