قورغاس چېگرا ئېغىزى ئېچىۋېتىلدى

شەرقىي تۈركىستان بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق يولى بولغان قورغاس چېگرا ئېغىزى 8-يانۋار ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، يولۇچىلار تۇنجى تۈركۈمدە چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى باشلىغان.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا يولغا قويغان قاتتىق قامال سەۋەبلىك تاقالغان قورغاس تاموژنىسى 8-يانۋار رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. چېگرادىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ ساغلاملىق كودىغا ئىلتىماس قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، پەقەت 48 سائەت ئىچىدە ساغلاملىق تەكشۈرۈلگەن ئىسپات بولسىلا بولىدىكەن. چېگرىدىن كىرگەندىن كېيىن ساغلاملىق تەكشۈرۈش ۋە مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

چېگرا تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئېچىۋېتىلگەن كۈنى چېگرادىن كىرگەن-چىققان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسلىقى تۇغقانلىرىنى يوقلىغانلار، سودا قىلىش ياكى يېڭى يىللىق مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىرگەنلەر بولغان.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قورغاس چېگرا ئېغىزى ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان خىتايلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، قازاقىستان خەلقى قازاقىستاندا خىتاينىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىر قىسىم قازاقلار ئۇزۇندىن بېرى دىدار كۆرۈشەلمىگەن تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولۇشقان سىنلارنى تارتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1287 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2023 17:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق