خىتاي چېگرانى ئېچىش بىلەنلا كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىنى باشلىدى

خىتاي رېجىمى 8-يانۋار چېگرانى ئاچقان تۇنجى كۈندىن باشلاپلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلەر كېڭىشى»نىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ئۆمەكنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇردى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئۆمەكنى 8-يانۋار ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ باش ئەلچىسى لى ليەنخې قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە ئورۇننى زىيارەت قىلدۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاتالمىش «دىنىي زاتلار ۋە ئالىملار» ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، سۇرىيە، بەھرەين، بوسىنا ھەرسەك، تۇنىس، سېربىيە، جەنۇبىي سۇدان، ماۋرىتانىيە، ھىندونېزىيە، كۇۋەيت، ئىيوردانىيە ۋە ئومان قاتارلىق 14 دۆلەتتىن كەلگەن.

مەزكۇر ئۆمەك 8-يانۋار ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتايغا سادىقلىقى بىلەن نام چىقارغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» مۇدىرى ۋە «خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرەقىپ تۆمۈر نىياز قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالغان. خىتاي رېجىمى مەزكۇر ئۆمەكنى ئالدى بىلەن ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمە» زالىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېررورچى ۋە ئەسەبىي قىلىپ تونۇشتۇرغان. ئارقىدىن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيى»نى زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مەدەنىيەت-مىراسلىرىنى قوغدىغۇچى قىلىپ كۆرسەتكەن.

خىتاي رېجىمى زىيارەت ئۆمىكىنى يەنە ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرىدىكى دۇكانلارنى، بەيتۇلمەئمۇر مەسچىتى (نوغاي مەسچىتى)، ئاتالمىش «ئىسلام ئىنستىتۇتى» قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى ۋە كۆز بويامچىلىقىغا ماسلاشقان دۇنيا مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلەر كېڭىشى رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ماختىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1492 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2023 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق