ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە ئالاقىدار بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ نىشان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى 6-يانۋار ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كەسرىن تاي بىلەن ياپونىيە ئىقتىساد، سودا ۋە سانائەت ۋەزىرى ياسۇتوشى نىشىمارۇ بىلەن بىر ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاپ، تەمىنلەش زەنجىرىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارالىق ئەمگەك ئۆلچىمىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار باياناتىدا مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە سودا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى قوغداش، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش جەھەتتە ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئورتاق سۇپا تەمىنلەيدىكەن.
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئامېرىكا تەرەپتىن ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرلىقى، ئەمگەك مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، تاموژنا ۋە چېگرا بىخەتەرلىك ئىدارىسى... قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قاتنىشىدىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ياپونىيە تاراتقۇلىرىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ھەمكارلىقنىڭ روياپقا چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم