خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلانماقتا

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك جازالىرىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە توشۇشنى زور مىقداردا ئاشۇرماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2022-يىلى 28-دېكابىرغا قەدەر بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس تاموژنىسى ئارقىلىق ياۋروپاغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز 7000 قېتىمدىن ئاشقان. تۆمۈر يول ئارقىلىق توشۇلغان يۈكلەر بولسا كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، ماشىنا زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

خەۋەردە قورغاس تاموژنىسىدىن ئۆتكەن نۆۋەتچى پويىز سانىنىڭ «خىتاي بويىچە 1-ئورۇندا» تۇرغانلىقى، شۇنداقلا 2022-يىلى تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغانلىقى، «يۈك بېسىپ بېرىپ، يۈك ئېلىپ قايتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى ئالاھىدە ماختالغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش، چەت ئەل تور سودىسىنى كېڭەيتىش» قاتارلىق تۈرلۈك ئاسانلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان يۈك پويىزىنىڭ قېتىم سانىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. نۆۋەتتە قورغاس تاموژنىسىدىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 76 گە يەتكەن بولۇپ، 2022-يىلىدىلا 20 سى كۆپەيتىلگەن. نەتىجىدە ياۋروپاغا قاتنايدىغان پويىز قېتىم سانى 2016-يىلى 377 قېتىم بولسا، 2022-يىلى 7000 قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق توشۇۋاتقان يۈكلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بايلىقلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈرلۈك خەلقئارالىق بېسىم ۋە جازالارغا قارىماستىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە، ھەتتا ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ داۋاملىق تارقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1390 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2023 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق