تالىبان خىتاي شىركىتى بىلەن ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا نېفىت چىقىرىشقا كېلىشتى

بۇ كېلىشىم تالىباننىڭ 2021-يىلى ئافغانىستاندا ھوقۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن چەتئەل شىركىتى بىلەن تۈزگەن تۇنجى چوڭ ئېنېرگىيە كېلىشىمىنىڭ بىرى دەپ قارالدى.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە كۆرە، تالىبان ھۆكۈمىتى خىتاي شىركىتى بىلەن ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالايغان بولۇپ، تالىباننىڭ 2021-يىلدىن بۇيان ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن چەتئەل شىركىتى بىلەن تۈزگەن تۇنجى چوڭ ئېنېرگىيە كېلىشىمى بولۇپ، مۇددىتى 25 يىل بولىدىكەن.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىدنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى (CAPEIC) ئامۇ داريا ئويمانلىقىدا نېفىت چىقىرىشنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

پەيشەنبە كۈنى پايتەخت كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئامۇ دەريا نېفىت توختامى خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم پىلاندۇر» دېدى.

زەبىھۇللاھ مۇجاھىدنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي شىركىتى بۇ تۈرگە يىلىغا 150 مىليون دوللار مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، بۇ مەبلەغ 3 يىلدا 540 مىليون دوللارغا چىقىدىكەن.

توختامنىڭ مۇددىتى 25 يىل بولۇپ، تالىبان ھۆكۈمىتى پاي ئۈلۈشىنى %75 كە يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ئاساستا ئالدى بىلەن %20 كە شېرىك بولغان.

بۇ تۈرنىڭ خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ يەنە بىر شىركىتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى لوگال رايونىدا مىس كېنىنى ھۆددىگە ئېلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئافغانىستاننىڭ تەبىئىي گاز، مىس ۋە ئاز ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ قىممىتى بىر تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1356 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2023 21:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق