خىتاي باش ئەلچىسى تۈركىيەگە جاۋاب بېرىپ يەنە جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشتى

خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە جاۋاب بېرىپ، بارلىق جىنايەتلىرىنى نومۇسسىزلارچە ئىنكار قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ 29-دېكابىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە بارلىق ئاخبارات، مېدىيا خادىملىرى قاتناشقان يىللىق خۇلاسە دوكلاتى يىغىنىدا خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتىدىكى يىرىكچىلىك ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتاينىڭ قىلىۋاتقان يولسىزلىقلىرى توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىن 5-يانۋار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى باھالىدى ۋە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مىنىستىر چاۋۇشئوغلى تىلغا ئالغان بارلىق مەسىلىلەرنى رەت قىلدى ۋە خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىلجىرلىدى.

ليۇ شاۋبىن يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ھەققىدە پۈتۈن دۇنيادا ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان ساناقسىز دەلىللەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ: «بىز شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ھەمىشە ئوچۇق ئاشكارا بولدۇق. غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرى پۈتۈنلەي يالغان. بەزى دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان يالغانچىلىق ھەقىقەتنى ياپالمايدۇ. بىز تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىدى.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، پەقەتلا بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئالتە يىلدىن بۇيان تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى دەۋا قىلىپ: «ئۇ يەردە مېنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرىم ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە دىنى قوغدىلىدۇ. ئامېرىكا شىنجاڭدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز» دەپ بىلجىرلىدى ۋە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى تىلغا ئېلىپ: «مىللىتى ياكى ئېتىقادى ئۇنى ئادالەتتىن قاچۇرالمايدۇ» دەپ جار سېلىش ئارقىلىق مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ يەنە خىتايدا ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنىڭ ھازىر %90 تىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، 8-يانۋاردىن كېيىن كارانتىن قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى، خەلقئارا ساياھەتنىڭ پات يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيادا خىتايلارغا قارشى قاتتىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ خىتاي ساياھەتچىلەرگە خىتاي ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى تەلەپ قىلماسلىقىغا ئىشارەت قىلدى. 

 تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1163 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2023 21:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق