خىتاينىڭ تۈركىيە باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بارلىق جىنايەتلىرىنى نومۇسسىزلارچە ئىنكار قىلدى ۋە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى تىلغا ئېلىپ: «مىللىتى ياكى ئېتىقادى ئۇنى ئادالەتتىن قاچۇرالمايدۇ» دەپ بىلجىرلىدى.