تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئىستانبۇل نوپۇس خىزمەتلىرى مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

4-يانۋار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىدىن ئادىل مۇھەممەدئوغلى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىقى نوپۇس ۋە پۇقرالىق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا تىزىملاشقا مەسئۇل جەۋىزلىباغ نوپۇس خىزمەتلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى يالچىن ئاكتاش ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

زىيارەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا تىزىملىتىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىق ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، نوپۇس ۋە پۇقرالىق ئىشلىرى ئىدارىسى باش مۇدىرى شەفىك ئايگۆل، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى ساۋاش ئۈنلۈ قاتارلىقلارغا ھەمدە يالچىن ئاكتاش ئەپەندى ۋە مەركەزدە خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا تىزىملىتىش جەريانىدا ئىشلىگەن جاپالىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1548 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2023 17:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق