تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى يېنىغا تارتىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، شى جىنىپڭنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى 5-يانۋار خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركمەنىستان پىرېزېدېنتى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن 5-، 6-يانۋار خىتايدا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 3-يانۋار بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تۈركمەنىستان پىرېزدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوف 5-يانۋاردىن 6-يانۋارغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي رېجىمى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا ھەرخىل ھەمكارلىق سۇپىلىرى ئارقىلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتمەكتە ۋە بۇ دۆلەتلەردە ئۆزىنىڭ ھەرخىل ساھەدىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇشىدىن كېيىن خىتاينىڭ رايون دۆلەتلىرىدىكى ھەرىكىتىمۇ تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1018 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2023 17:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق