دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددى ساغلاملىق پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى مايك رىيان خىتايدا تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان خىتاي ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي رېجىمى تەمىنلىگەن ۋىرۇس ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان خىتاي ۋىرۇسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «بىز خىتاي ئورتاقلاشقان نۆۋەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز» دېدى ۋە خىتايدا ۋىرۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مايك رىيان خىتاينىڭ بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى يەنىلا ئورتاقلاشمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: «بىز ھازىر خىتاي ئورتاقلاشقان كېسەللىك توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار، دوختۇرخانىدا يېتىش نىسبىتى، ئېغىر كېسەل بولغان بىمارلارنىڭ سانى ۋە بولۇپمۇ قازا قىلغانلارنىڭ سانىغا ئىشەنمەيمىز» دېدى.
ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ئايدا خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلاردىن ۋىرۇس سىنىقىنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. فرانسىيە ئەتىدىن باشلاپ چېگرا كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپ، خىتايدىن كەلگەنلەرنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە مەنپىي خىتاي ۋىرۇسى سىنىقى ياكى پاسسىپ ئانتىگېن سىنىقىنى كۆرسىتىشىنى مەجبۇرى قىلدى. ئاۋسترالىيە، كانادا، ھىندىستان، ئىسرائىلىيە، مالايشىيا، ماراكەش، قاتار، كورىيە، تەيۋەن ۋە ئامېرىكا قاتارلىقلارمۇ خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارغا چەكلىمە قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
ھىندىستان خىتايدىن باشقا، خوڭكوڭ، ياپونىيە، كورىيە، سىنگاپور ۋە تايلاندتىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭمۇ خىتاي ۋىرۇسى تەكشۈرۈش سىنىقىنىڭ مەنپىي بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە بۇ دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالامەتسىز ياكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولغان يولۇچىلارنىڭ كارانتىن قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر