ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ساياھەتچىلىرىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ سەھىيە خادىملىرى چارشەنبە كۈنى جەم بولۇپ، خىتايدىن ياۋروپاغا كېلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن كېلىپ چىققان ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىتالىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر باشلامچى بولۇپ، خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارغا قارىتا ساغلاملىق تەكشۈرۈش ياكى خىتايدىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئالغان ساغلاملىق ئەھۋالى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتچىسى تىم مىكفى Tim McPhie: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرىگە قارىتا يولغا قويغان چەكلىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا ئاللىبۇرۇن خىتايدىن كەلگەن بارلىق ساياھەتچىلەرگە قارىتا ساغلاملىق تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئېلان قىلدى. بەزى ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرىمۇ يۇقۇمۇمنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

24-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى ئوت پاجىئەسىدىن كېيىن كۆتۈرۈلگەن قاتتىق قارشىلىق نامايىشلىرى بىلەن تەختىنىڭ تەۋرەپ قالغانلىقىنى سەزگەن خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى» نى تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، خىتايدىكى يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان ئەمما خىتاي رېجىمى خەلقئارا جەمئىيەتتىن بۇ ھەقتىكى ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارنى يوشۇرماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدىن ۋىرۇسنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن بولغان دوكلات بىلەن تەمىنلەشنى ئېنىق تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھېلىھەم بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىشتىن قاچماقتا ۋە رىئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان مەلۇماتلار بىلەن دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارغا قارىتا ۋىرۇس تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ تەدبىرنى يولغا قويۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 898 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2023 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق