شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى راسمۇسسېن تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇب، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋىن بىلەن كۆرۈشتى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنى تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىق قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باشلىقى راسمۇسسېن تەيۋەن زىيارىتى جەريانىدا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، مۇستەبىتلىكنىڭ كۈچىيىشىگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. راسمۇسسېن يەنە تەيۋەننىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئاندېرس فوگ-راسمۇسسېن 4-يانۋار تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋىن بىلەن كۆرۈشۈپ، «بىز مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىتتىپاق تۈزۈشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى تەيۋەن خىتاينىڭ تاجاۋۇز قىلىش تەھدىتى ئاستىدا قالدى» دېگەن.
نۆۋەتتە شى جىنپىڭ تەيۋەننى قوشۇۋېلىش مەسىلىسىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ قويمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتقان بولۇپ، بېيجىڭ بىلەن تەيبېي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاللىقاچان جىددىيلەشتى. 2022-يىلى خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىرنى كۈچەيتىش سەۋەبلىك ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى. خىتاي تەيۋەننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن رەسمىي ئالاقە قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە ۋە تەيۋەننى زىيارەت قىلغان غەرب سىياسىئونلىرىغا بارغانچە غەزەپلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ دىپلوماتلىرىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى تېخىمۇ كۆپەيمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، سەي يىڭۋىن 2020-يىلدىن بۇيان ئۈچ قېتىم راسمۇسسېن فوندى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن يىللىق دېموكراتىك دۆلەتلەر يىغىنىدا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان. شۇ سەۋەبلىك خىتاي راسمۇسسېن فوندى جەمئىيىتىنى 2021-يىلى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، سەي يىڭۋىن يەكشەنبە كۈنىدىكى يېڭى يىللىق سۆزىدە، خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ساقلاشقا پايدىسى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ