يېقىندا چەت ئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى ئاشكارىلىدى

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بىر ئۇيغۇر ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى ئاستىدا ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ ئالدى بىلەن مۇخبىرنىڭ: «نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، 2022-يىلى خىتاي لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ياكى خىتايدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ كەمسىتىشى سەۋەبلىك لاگېرلارغا كىرىپ-چىققان كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئۆزى تونۇيدىغان بىر ئەدەبىيات پىروفېسسورىنىڭ نۆۋەتتە مەكتەپ ھويلىسىدىكى كۆزىتىش ئۆيىدە بىخەتەرلىك خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، قىسمەن كىشىلەرنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ھامان تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، 2022-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىلگىرىكىدىن ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قولغا ئېلىشنى توختاتمىغانلىقىنى، ھەتتا ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنى قايتا قولغا ئېلىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە مىسال كەلتۈرۈپ: «ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ لېكتورى بولغان بىر دوستۇم بار ئىدى. ئۇ 2022-يىلىدىن بۇرۇن ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 2022-يىلى ئەتىيازدا ئۈچىنچى قېتىم قولغا ئېلىندى. نۆۋەتتە ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىدى» دېگەن ۋە ئەگەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 2022-يىللىق ھاياتىنى يىغىنچاقلاشقا توغرا كەلسە، «قورقۇنچ بىلەن ئۈمىدسىزلىك بىرلەشكەن ۋەزىيەت» دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇۋاھچى يەنە ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىشنى چەكلىگەن تۇرسا، سىز چەت ئەلگە چىقىش ئۈچۈن پاسپورتنى قانداق ئالدىڭىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بىرىنچى قەدەمدە ساقچىلار پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان كىشى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرەر كىشى ئەيىبلەنمىگەن، تۈرمىگە قامالمىغان ياكى لاگېرغا سولانمىغان ئەھۋالدا ساقچى باشلىقىنىڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىشىنى ساقلايدىغانلىقىنى، بۇ تەرتىپلەر تۈگىگەندىن كېيىن، ھەر قانداق ئۇيغۇر پاسپورت ئىگىسىنىڭ تاموژنىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ دائىرىلىرى»نىڭ رۇخسەت ھۆججىتىنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۈنۈملۈك خىتاي پاسپورتى ۋە بىر دۆلەتكە چىقىش ۋىزىسى بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رۇخسەت ھۆججىتى بولمىسا، چەت ئەلگە چىقىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى، تاموژنا خادىملىرىغا كىملىك، پاسپورت ۋە رۇخسەت ھۆججەتلىرىنى كۆرسەتكەندە ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس بېكىتىلگەن ئورۇنغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، شۇ يەردە ج خ ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ھۆججەتلەرنى دەلىللەپ ئاندىن تاموژنىدىن چىقىشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ ئايالىنىڭ چەت ئەللىك بولۇپ قالغانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ: «خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار بارمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «خەلقئارا جەمئىيەت بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر ئىش شۇكى، مەن 2022-يىلى ماي ئېيىدا ئۈرۈمچىدە ئىدىم. بۇ ۋاقىتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت بۇ رايوننى زىيارەت قىلدى. خىتاي دائىرىلىرى ئالامىتى كۆرۈلگەن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىمار بايقالدى، دېگەن باھانە بىلەن ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن تەڭرىتاغ رايونىنى قاتتىق قامال قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. دائىرىلەر مىشېل باچېلېت خىتايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇ رايوننى ئېچىۋەتتى. مېنىڭ بىر ئەمەلدار قوشنام بار ئىدى، ئۇ ماڭا تەڭرىتاغ رايونىنى قامال قىلىش سەۋەبى خىتاينىڭ باچېلېتنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئەركىن ئۇچرىشىپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى ئېيتتى» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2083 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2023 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق