خىتايدىكى چەكلىمىلەر ئالما شىركىتىگە زەربە بولدى

ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا ماگناتى ئالما شىركىتىنىڭ پاي باھاسى %4 تىن كۆپرەك چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى ئىككى تىرىليون دوللاردىن تۆۋەنلەپ كەتتى. پاي چېكىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى سەۋەبنىڭ خىتايدىكى خىتاي ۋىرۇسى چەكلىمىلىرىنىڭ ئايفون تەمىناتىغا بولغان ئەندىشىلەرنى قوزغىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما iPhone 14 ۋە باشقا ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماقچى بولغانلارنىڭ ساقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ياپونىيەنىڭ «نىككېي ئاسىيا گېزىتى»نىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدىمۇ ئالما شىركىتىنىڭ بىر قىسىم تەمىنلىگۈچىلەرگە نۆۋەتتىكى ئېھتىياجنىڭ ئاجىزلىشى سەۋەبىدىن AirPods ، Apple Watch ۋە MacBook قاتارلىق بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاز زاپچاس ئىشلەپچىقىرىشنى ئېيتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 908 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2023 17:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق