شاڭخەي ئاھالىسىنىڭ %70 نىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە

يۇقۇم تەدبىرلىرىنىڭ بوشىتىلىشى بىلەن شاڭخەيدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەخمىنەن %70 نىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىنلىكى كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شاڭخەي رۈيجىن دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە شەھەرلىك خىتاي ۋىرۇسى مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى چىن ئېرجىن كوممۇنىست پارتىيەنىڭ زۇۋانى بولغان خەلق گېزىتىگە بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە شەھەردە يۇقۇملىنىشنىڭ 20-30 ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە نوپۇسى 25 مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەردە تەخمىنەن ئىككى ئاي تاقىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇمدا كەڭ كۆلەملىك سىناقلارنىڭ قوللىنىلغانلىقى، كارانتىن مەركىزىدە ئايرىۋېتىلگەن مۇسبەت كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر يۇقۇم شۇنچىلىك كەڭ تارقالدىكى، نوپۇسنىڭ %70 گە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. چىن يەنە رۈيجىن دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى بىمارلارنىڭ سانى كۈنىگە 1600 گە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تەتقىقاتچىلىرى مائارىپ مىنىستىرلىكى قوللىغان «مېدىتسىنا چېگراسى» ناملىق ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكى، يېڭى يىلدىن 1-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلىنىدىغان باھار بايرىمىغىچە كۆپىنچىسى ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەرگە، ئاندىن كىچىك شەھەرلەرگە تارقىلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

ئۇندىن باشقا شاڭخەينىڭ جەنۇبىدىكى جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچى سانىنىڭ بىر مىليونغا يەتكەنلىكىنى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋاملىق كۆپىيىپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەركەز يەنە 8-يانۋاردىن باشلاپ چېگرالارنىڭ ئېچىلىشى ۋە 22-يانۋار باشلىنىدىغان باھار بايرىمىدا دۆلەت ئىچى ساياھىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن يېڭى ۋارىيانتلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيانى كۈتۈۋاتقان بۇ پاجىئە سەۋەبلىك نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي يولۇچىلارغا قارىتا ھەرخىل تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 909 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2023 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق