خىتاينىڭ ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسى دېڭىز سىنىقىنى باشلىدى

خىتاينىڭ 2022-يىلى 6-ئايدا سۇغا چۈشۈرگەن ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسى «فۇجيەن» نىڭ بۇ يىل دېڭىز سىنىقىنى باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئاۋىياماتكا نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەڭ ئىلغار ئاۋىياماتكىسى دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە ئىقتىدار سىناقلىرى ئۈچۈن دېڭىزغا قويۇپ بېرىلىدىكەن.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «003 Tip» تىپلىق 80 مىڭ توننىلىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت ئايروپىلانى ئۇچۇش سىستېمىسى (EMALS) دەپ ئاتىلىدىغان ئىلغار تېخنىكا قويۇپ بېرىش تاختىسى بار بولۇپ، لياۋنىڭ ۋە شەندۇڭ ئاۋىياماتكىلىرىدىن كېيىن خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىگە قاتناشقان ئۈچىنچى ئاۋىياماتكا «فۇجيەن» لايىھە ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە خىتاينىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى دەپ قارالماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان خىتاينىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى 1998-يىلى ئۇكرائىنادىن ساياھەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ سېتىۋالغان ۋارياگ ئاۋىياماتكىسىنىڭ ئىسكىلىتىغا ياسالغان بولۇپ، خىتاي ھەم ئۇكرائىناغا، ھەم ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە زور مىقداردا ساياھەتچى ئەۋەتىش ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانىدى ۋە ئۇنى رەسمىي ئۇرۇش پاراخوتىغا ئايلاندۇرۇپ، 2012-يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرگەنىدى.

كېيىن خىتاينىڭ يەنە بىر ئۆلكىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «شەندۇڭ» ئاۋىياماتكىسى «لياۋنىڭ»نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى دېيىشكە بولىدىغان بولۇپ، خىتاي ئۇنى 2017-يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرگەنىدى.

پاراخوت سانى جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيەسى بولغان خىتاي 2035-يىلىغىچە كەم دېگەندە ئالتە ئاۋىياماتكا ئەترىتى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 753 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2023 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق