ئامېرىكىدىكى سىياسىي خەتەردىن مەسلىھەت بېرىش شىركىتى ياۋرو-ئاسىيا گۇرۇھىنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھوقۇقنى ئەڭ زور دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ يىل دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ سىياسىي خەتەرنى تەشكىل قىلىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋرو-ئاسىيا گۇرۇھى 3-يانۋار ئېلان قىلغان 2023-يىللىق دۇنيادىكى 10 چوڭ سىياسىي خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ سىياسەت كۈنتەرتىپىنى يولغا قويۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە ھېچقانداق توسالغۇ يوق ئىكەن. ئۇنىڭغا قارشى پىكىردىكى كىشى بولمىغاچقا، شى جىنپىڭنىڭ ھەرۋاقىت خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ياۋرو-ئاسىيا گۇرۇھىنىڭ رەئىسى ئىئان برېممېر (Ian Bremmer) دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن بۇيان ھېچكىم خىتايدا شى جىنپىڭغا ئوخشاش كۈچنى مەركەزلەشتۈرمىگەن، ھېچكىمنىڭ خىتايدا ئۇنچە كۆپ ھوقۇقى بولۇپ باقمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي دۇنيا سەھنىسىدە ئىقتىساد ساھەسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ ناھايىتى چوڭ خەتەرنى شەكىللەندۈرىدۇ» دېگەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى خىتاينىڭ دۇنيادىكى باشقا ئاساسلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن خىتاي دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قارالماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ