فىلىپپىن پىرېزىدېنتى خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى بوڭ بوڭ ماركوس خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، زىيارەت داۋامىدا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس 3-يانۋار خىتايغا يېتىپ بېرىپ ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ سايلامدا قىلغان ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

فىلىپپىنلىق بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ماركوس زىيارەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئالاقە يولى قۇرۇپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى «خاتا قاراش ۋە ئۇقۇشماسلىق»تىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ زىيارەت بوڭ بوڭ ماركوسنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا قىلغان زىيارىتى، شۇنداقلا بۇ زىيارەت شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان خىتاينى زىيارەت قىلىشى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 650 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2023 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق