خىتاي رېجىمى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرىنى سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى ھەققىدە تەھدىت سالدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى 3-يانۋار ئون نەچچە دۆلەتنىڭ خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي تاراتقۇلىرى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، يېقىندا خىتايغا قارىتىلغان كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ «كوللېكتىپ سىياسىي ئويۇن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش ھەققىدە: «بەزى دۆلەتلەر پەقەت خىتاي ساياھەتچىلەرگىلا كىرىش چەكلىمىسى قويدى. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق، بۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 3-يانۋار بۇ مەسىلىگە «خەلقئارالىق ئوبزور» ئارقىلىق باھا ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا ۋەكىللىكىدىكى بۇ دۆلەتلەر خىتايدىن ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. خىتاي رەسىمى ئېچىۋەتكەن بىر پەيتتە يەنە بىر قېتىم ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىشقا باشلىدى» دېگەن.
خىتاي ئوبزوردا يەنە: «يېقىندا خىتايغا قارىتىلغان چېگرادىن كىرىشنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى كوللېكتىپ سىياسىي ئويۇن، شۇنداقلا بۇنىڭ مەقسىتى خىتاينى كونترول قىلىش ۋە يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ۋىرۇس يۇقۇم ئاپىتىنى خىتايغا ئارتىشقا ئۇرۇنغان ئويۇندۇر» دەپ تەسۋىرلىگەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق 12 دۆلەت خىتايلارغا قارىتا ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، ەۋتەيۋەنمۇ 3-يانۋار ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 6-يانۋاردىن باشلاپ خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن ئارقىلىق تەيۋەنگە كېلىدىغان خىتاي پۇقرالىرى چوقۇم يولغا چىققان جايدىن ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئالغان سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ