تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ 2-يانۋار ئېلان قىلىشىچە، 2022-يىلى تۈركىيەگە 236 مىڭ 572 كۆچمەن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇلاردىن 124 مىڭ 441 كۆچمەننى قوغلاپ چىقارغان. 2021-يىلىغا قارىغاندا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى %161 ئاشقان. يەنە 280 مىڭ 206 كۆچمەننىڭ تۈركىيەگە كىرىشى توسۇپ قېلىنغان.
بۇلاردىن باشقا 2022-يىلى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان سۇرىيەلىك كۆچمەنلەردىن 58 مىڭ 758 كىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن سۇرىيەگە قايتقان. شۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە سۇرىيەگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن قايتقان سۇرىيەلىك كۆچمەنلەر 539 مىڭ 332 كىشىگە يەتكەن. تۈركىيەدە ھازىر يەنە ئۈچ مىليون 535 مىڭ 898 سۇرىيەلىك كۆچمەن بار ئىكەن.
قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئېگىشىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركەزلىرىنىڭ سانى 30 غا، سىغىمى 20 مىڭ 540 كىشىگە كۆپەيتىلگەن.
يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەدە كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىلەن، ئىستانبۇل قاتارلىق 63 ۋىلايەتنىڭ 1169 مەھەللىسىدىكى چەت ئەللىك كۆچمەن نوپۇسى مەھەللىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى نوپۇسىنىڭ %20 دىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۇقىرىقى مەھەللىلەرگە چەت ئەللىكلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىنى چەكلىگەن.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر