خىتاي يەنە تۆت ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نامىدا 26 ئەمەلدارنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئۇيغۇر ئەمەلدارمۇ بار ئىكەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئاتالمىش «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نامىدا ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچىلار ۋە يۈك تىرانسپورت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە مۇدىرى ئەسقەر مەمەت بار بولۇپ، «بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى» سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەن.

خەۋەردە ئۇنىڭ 2015-يىلدىن 2016-يىلغىچە، قول ئاستىدىكىلەردىن جەمئىي 4000 يۈەنلىك ئىستېمال كارتىسىدىن تۆتنى قوبۇل قىلىپ، ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك كومپارتىيەدىن قوغلانغانلىقى، جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللىنىپ تەكشۈرۈشكە تاپشۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

قەشقەر بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسى 2-بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇدىرى ئايشەمگۈل سىدىقمۇ «2016-يىلى 6-ئايدىن 2020-يىلى 5-ئايغىچە بىمارلاردىن سوۋغات ئالغان، زىياپەت قىلدۇرغان» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن خىزمەتتىن بوشىتىلغان.

قاغىلىق ناھىيەلىك جىنسۇي ئاشلىق ۋە ماي سېتىۋېلىش ۋە سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى ۋە باش دىرېكتورى تۇرسۇنجان تۇردى «2017-يىلى 1-ئايدىن 2021-يىلى 11-ئايغىچە شىركەت خىزمەتچىلىرىنى مۇقىملىقنى قوغداش تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلەش نامىدا، شىركەتتىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە خالىغانچە، قايتا-قايتا ۋەزىپە تولۇقلىما پۇلى تارقىتىپ بەرگەن» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن، خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ھەمدە جازالانغان.

مارالبېشى ناھىيەسى سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى يېڭى ئۆستەڭ سۇغىرىش رايونى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى ئىمام سىدىقمۇ «2017-يىلى 12-ئايدىن 2018-يىلى 2-ئايغىچە ئاممىۋى مەبلەغنى يەپ-ئىچىش، خالىغانچە تولۇقلىما تارقىتىش» دېگەن باھانە بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇلغاندىن باشقا، دەرىجىسى چۈشۈرۈلگەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق، باستۇرۇش سىياسىتىنى پۇقرالارغا ئىجرا قىلىپلا قالماي، خىتاي رېجىمى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغىچە كېڭەيتكەن بولۇپ، خىتاي ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تازىلاش» نامىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە باستۇرماقتا ۋە مائارىپ، نەشرىيات، ئاخبارات ساھەسى خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر زەربە نىشانىغا ئايلانماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1204 قېتىم كۆرۈلدى
03/01/2023 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق