خىتاينىڭ رېجىمىنىڭ يېڭى يىلدا ساليۇت ئېتىشىنى چەكلىشى سەۋەبلىك، خېنەن ئۆلكىسىدە ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان بولۇپ، خىتايلار ساقچى ماشىنىلىرىنى ئۆرۈۋەتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-يانۋار كەچتە خېنەن ئۆلكىسى جۇكۇ شەھىرى لۇيى ناھىيەسىدە ساقچى بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايلار ساقچى ماشىنىسىنى قورشىۋېلىپ، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ساقچىلار بىلەن ئىتتىرىشكەن. بىر قىسىم خىتايلار ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئەينىكىنى چاققان ۋە ئۆرۈۋەتكەن. تارقالغان سىندا ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ كەم دېگەندە ئىككى كىشىنى قولغا ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2018-يىلدىن باشلاپ ھەر قايسى ئۆلكىلەر ۋە شەھەرلەردە ساليۇت ئېتىشنى ئارقا-ئارقىدىن چەكلىگەن. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساليۇت ئېتىشقا چەكلىمە قويۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە بىخەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ