گۇما ۋە بۈگۈر ناھىيەلىرىدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۇما ۋە بۈگۈن ناھىيەسىدە ئايرىم-ئايرىم ئۈچ بالدىن ئارتۇق يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 14:14 دە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 36.13 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.41 گىرادۇس) 3.3 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 107 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يەر تەۋرەش ئاساسەن تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ بەش كىلومېتىر ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 5358 مېتىر ئېگىز ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاپەت جەريانىدىكى يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 200 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە ئۈچ بالدىن يۇقىرى جەمئىي 172 قېتىم يەر تەۋرىگەن. ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش 2022-يىلى 17-مارت گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، 5.2 بالغا يەتكەن.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11:49 دە بۈگۈر ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.24 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 84.04 گرادۇس) 3.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان. خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئوخشاشلا يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 947 قېتىم كۆرۈلدى
03/01/2023 17:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق