قاغىلىق ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە 4.2 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ 1-يانۋار تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، 1-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 19 دىن 02 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 36.77 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.08 گىرادۇس) 4.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 101 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئەمما خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاپەت جەريانىدىكى يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدا يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 200 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە جەمئىي 3 بال ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى 214 قېتىم يەر تەۋرىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1110 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2023 17:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق