قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 29- دېكابىر قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروف قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ چېگرا بېكىتىش تەرتىپىنى تاماملاپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن لېكىن ئىككى دۆلەتنىڭ قانداق ھۆججەت ئىمزالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.
پىرېزدېنت جاپاروف يەنە: «بىز قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان چېگرا مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشتەك تارىخى بۇرچنى زىممىمىزگە ئالدۇق. مەن ئىككى دۆلەت پىرېزىدېنتلىرىنىڭ بۈگۈنكى يىغىن نەتىجىسىگە ئاساسەن يېقىن كەلگۈسىدە قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان دۆلەت چېگراسىنىڭ قالغان قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك شەرتنامە لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يېقىن قوشنا، ھەقىقىي دوست ۋە ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ئىكەنلىكىنى، قىرغىزىستاننىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا، مەبلەغ سېلىش، قاتناش، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۆزبېكىستان ۋەكىلى ئابدۇللا ئارىپوف بولسا ئۆزبېكىستاننىڭ قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان دۆلەت چېگراسىنى ئايرىش ۋە بېكىتىش كېلىشىمى لايىھەسىنى كېڭىشىشنى تولۇق قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان دۆلەت چېگراسى 1300 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، چېگرا تالاش-تارتىشىنى چۆرىدىگەن توقۇنۇش ئۈزۈلمىگەن. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت چېگراسىنىڭ بېكىتىلىشى كەلگۈسى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ