خىتاي مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق رەئىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇردى

خىتاي رېجىمى ۋاڭ جيەنشىننى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىدى.

بېيجىڭ گېزىتنىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋاڭ جيەنشىننى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىگەن.

ۋاڭ جيەنشىن 1972-يىلى خۇنەندە تۇغۇلغان بولۇپ، خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىچىدە زور تەسىرگە ئىگە كوممۇنىستلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ۋاڭ جيەنشىن يەنە خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي خەلق گېزىتىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن ۋە خەلق گېزىتى چۇڭچىڭ شۆبىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان مېڭە يۇيۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئەمەلدارى بولغان ۋاڭ جيەنشىننى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1312 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2023 17:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق