ماراكەش خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق ئايروپىلانلارنى چەكلىدى

خىتايدا شىددەت بىلەن يامراۋاتقان خىتاي ۋىرۇسى ۋە خىتاينىڭ ھېچقانداق مەلۇماتنى دۇنياغا ئاشكارىلىماسلىق سەۋەبلىك كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن خىتايلارغا قارىتا ھەرخىل تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا.

ئاۋىئاتسىيە خەۋەرلىرى ۋاقتى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ماراكەش خىتاي ۋىرۇسدىن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتايدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى تولۇق چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ خىتاي پۇقرالىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت تەۋەلىكىگە قارالماستىن خىتايدىن كەلگەن بارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ 3-يانۋاردىن باشلاپ ئىككىنچى بىر قېتىملىق بۇيرۇق بېرىلگەنگە قەدەر كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەر خىتاينىڭ پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ۋىرۇس يامرىتىش سىياسىتىگە قارشى ئارقا-ئارقىدىن تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ خىتاي مەسئۇللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، يامراۋاتقان خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرىلەشتى ۋە ئۇچرىشىشتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدىن بۇندىن كېيىن خىتايدىكى كېسەللىك ئەھۋالى، ۋىرۇس ئەۋرىشكىسىنىڭ DNA تەرتىپى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى، دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلغانلار، ئۆلۈش ئەھۋالى ۋە ۋاكسىنا ئەملىنىش قاتارلىقلارنىڭ كونكرېت ۋە ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى نەق مەيداندىن يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 678 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2023 17:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق