كانادا خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلاردىن خىتاي ۋىرۇسى سىنىقى تەلەپ قىلدى

كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېندىن ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق كاناداغا كېلىدىغان يولۇچىلاردىن خىتاي ۋىرۇسى سىنىقىنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 1-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېندىن ئۇچىدىغان ئايروپىلانلاردا كاناداغا كېلىدىغان ئىككى ياشتىن چوڭ بارلىق يولۇچىلارنىڭ ئايرۇپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن خىتاي ۋىرۇسى تەكشۈرۈش سىنىقىنىڭ مەنپىي ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بەلگە بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر قارارنىڭ بۇ ئاينىڭ 5-كۈنىدىن تارتىپ باشلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان باياناتتا، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتايدا شىددەت بىلەن يامراۋاتقان ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبلىك چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئۇچۇشتىن 2 كۈن بۇرۇن خىتاي ۋىرۇسى سىنىقى قىلغان بولۇشى ۋە نەتىجىسىنىڭ مەنپىي چىققان بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

كانادا سەھىيە مىنىستىرى ژان يىۋېس دۇكلوس Jean Yves Duclos  باياناتىدا: «ھۆكۈمىتىمىز خىتاي ۋىرۇسى يۈز بەرگەندە كانادالىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللاندى. ھەرىكىتىمىز داۋاملىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن يېتەكلىنىدۇ، بىز قىلچە ئىككىلەنمەي كانادالىقلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز. مەن كۆپچىلىكنىڭ خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملىتىپ، شەخسىي ساغلاملىق تەدبىرلىرىگە داۋاملىق رىئايە قىلىشىنى، ئادەم كۆپ بولغان يېپىق رايونلاردا ماسكا تاقاشقا، كېسەل بولغاندا ئۆيدە تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە خىتاي پۇقرالىرىدىن ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 13 كە چىقتى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 591 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2023 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق