خىتاينىڭ 600 يىللىق تارىخقا ئىگە مەسچىتنى چاققانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرىگە جايلاشقان 600 يىللىق تارىخقا ئىگە دۇڭگۇەن مەسچىتىنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەن بولۇپ، 31-دېكابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ھەيۋەتلىك ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە مەسچىت ئاللىبۇرۇن چىقىپ تۈزلىنىپ، ئورنىغا قۇرۇلۇش قىلىش تەييارلىقى باشلانغان. 

خىتاي رېجىمى 2018-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى كېيىنچە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا كېڭەيگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى باشتا ئاتالمىش «ئەرەبلىشىشكە قارشى تۇرۇش» نامىدا تۇڭگان مەسچىتلىرىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىنى چېقىۋەتكەن ياكى خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكەن. مۇسۇلمان ئاممىسى خىتاينىڭ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلمىشىغا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئازراق نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق زور كۆلەمدە قارشىلىق بىلدۈرمىگەن. ئارقىدىن خىتاي دائىرىلىرى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن قىسمەن مەسچىتلەرنى ۋاقىتلىق تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئەھۋالىنى سىناق قىلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئۇچۇر يوللاشتىن باشقا قارشىلىق ھەرىكىتىنى كۆرمىگەن خىتاي ۋاقىتلىق تاقالغان مەسچىتلەرنى چېقىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

داجىيۈەن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى دۇڭگۈەن مەسچىتىنىڭ ئۈندىدار ھېساباتىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، «نۆۋەتتە دۇڭگۈەن مەسچىتىنىڭ ئاساسلىق دەرۋازىسىنىڭ رېمۇنت قىلىش ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا. ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەسچىت ئاممىغا ۋاقىتلىق تاقالدى. 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ. قايتا ئېچىلىش ۋاقتى كېيىنرەك ئېلان قىلىنىدۇ» دېگەن.

ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا «زىمىستان تورى» بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخپىي دوكلاتىدا خىتاينىڭ دىنىي ئۇسلۇبتىكى ئورۇنلارنى ئۆزگەرتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشخانىسى شىنىڭ شەھىرىگە جايلاشقان ئەرەب ئۇسلۇبىدىكى ئورۇنلارنى چېقىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى.

دوكلاتتا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۇڭگۈەن مەسچىتىنىڭ ئەسلىدىكى 47.7 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنارىنى چېقىپ 10 مېتىرغا قىسقارتقان. 19.36 مېتىر ئېگىزلىكتىكى گۈمبەزنى چېقىپ پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىلگەن. ۋە نومۇس قىلماستىن چېقىش-كۆچۈرۈش تۈرىگە كەتكەن مەبلەغنىڭ 251 مىليون 630 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

تارىخىي مەلۇماتلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، شىنىڭ شەھىرىدىكى دۇڭگۈەن چوڭ مەسچىتى 600 نەچچە يىل ئىلگىرى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەن. دۇڭگۈەن مەسچىتى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى تۆت داڭلىق مەسچىتنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تارىختىن بىرى كۆپ قېتىم ۋەيران قىلىنغان ھەمدە قايتا-قايتا ياسالغان. ھازىرقى خىتاي كومپارتىيەسى چېقىۋەتكەن مەسچىت بىناسى 1913-يىلى قايتا يېڭىلانغان. 1946-يىلى مەسچىتنىڭ دائىرىسى يەنە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، 1979-يىلى يەنە قايتا ياسالغان. دۇڭگۈەن مەسچىتىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 13602 كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش قىلىنغان يەرنىڭ كۆلىمى 4654 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى خىتاي ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن ئىسلام بىناكارلىق ئالاھىدىلىكى بىرلەشتۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1017 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2023 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق