پۇتىن خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ سىنلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ھەربىي ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-دېكابىر رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن شى جىنپىڭغا ئۆزىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ غەربنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى ماختىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جازا يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەبلىك، رۇسىيە خىتاي بىلەن سىياسىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلغان. خىتايغا نىسبەتەن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمى بىر سەزگۈر مەسىلە بولۇپ، خىتاي رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا بىتەرەپ مەيدانىدا تۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشى رۇسىيەگە دىپلوماتىك جەھەتتىن ياردەم بەرگەن.

پۇتىن سىنلىق سۆھبەتنىڭ بېشىدا شى جىنپىڭغا: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز رۇسىيە ۋە خىتاي ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» دېگەن. ئۇ يەنە موسكۋا بىلەن خىتاينىڭ غەربنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىمى ۋە «ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى»گە تاقابىل تۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ماختىغان.

پۇتىن يەنە: «جۇغراپىيەلىك سىياسىي جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان مۇھىم بىر پەيتتە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى كۈنسېرى گەۋدىلەندى» دېيىش بىلەن بىرگە: «بىز دۇنيادىكى گېئوپولىتىكىلىق ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبى، جەريانى، مەنتىقىسى قاتارلىقلارغا ھەمدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۆزگەرگەنلىكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى قارىشىمىزدا ئوخشاشلىق بار» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلغان.

پۇتىن سۆزىنىڭ ئاخىردا رۇسىيەنىڭ خىتايغا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى، ئالدىنقى ئايدا رۇسىيە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئورنىنى ئېلىپ، خىتاينى خام نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشتە ئىككىنچى چوڭ دۆلەت، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بىلەن تەمىنلەشتە تۆتىنچى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 911 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2022 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق