خىتاي تەيۋەنگە يەنە تەھدىت سالدى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەيۋەنگە ئاز ئۇچرايدىغان تەرىقىدە تەھدىت سېلىپ: «قەيەردە دۆلەتنى پارچىلاش قىلمىشى بولسا، شۇ يەردە خىتاي ھەربىي ھەرىكەت قىلىدۇ» دەپ جار سالدى.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقنىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 29-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەن كېفېي مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

 بىر مۇخبىر: «تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەربىي تەھدىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىر دەرىجىگە يەتتى. 2020-يىلىدىن بۇيان، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن ھاۋا مۇداپىئەسى پەرقلەندۈرۈش رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش قېتىم سانى بەش ھەسسە ئاشتى، خىتاي كومپارتىيەسى باھانە تېپىپ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشنى مەشىق قىلماقتا، دېدى. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىغان.

تەن كېفېي جاۋابىدا تەيۋەنگە تەھدىت سېلىپ: «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى تەيۋەن مۇستەقىللىقى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ مۇداخىلىسىگە قارىتىلغان، بۇنىڭدىكى مەقسەت خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش. قەيەردە ئەسلىنى ئۇنتۇپ، دۆلەتنى پارچىلاش قىلمىشى بولسا، شۇ يەردە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى بولىدۇ» دەپ جار سالغان.

تەن كېفېي جاۋابىدا يەنە: «دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى پۈتۈن زېھنىنى ئارمىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىش قېتىم سانىنى ئېنىقلاشقا سەرپ قىلغاندىن كۆرە، بىرلىككە كېلىش ۋەزىيىتى بىلەن كىشىلەر رايىنىڭ مايىل ياكى مايىل ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ، ئەجنەبىيلەرگە ئەگىشىۋېلىپ ئۆزىنى قالتىس چاغلاش، قورال ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى كۆزلەش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك خاتا سۆز-ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە ئوبدان ئويلانغىنى ياخشى» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 809 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2022 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق