خىتاي شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم جىنايەتلىرى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى.

ۋاڭ يى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-دېكابىر بېيجىڭدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئاخبارات باياناتچىلىرىدىن شۈ گۈيشياڭ، ئېلىجان ئانايەت قاتارلىقلارنىڭ رىياسەتچىلىكى بىلەن، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي رېجىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئەھۋالى ھەققىدە يالغان سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى مەسىلىسىدە ئالداشقا ئۇرۇنغان.

شۈ گۈيشياڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، قېلىپلاشقان سۆزلەرنى تەكرارلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىدىن ئايرىپ، خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش، نوپۇس چەكلەش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرغان ھالدا: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خەلقنىڭ خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت مۇقىم بولدى» دەپ بىلجىرلىغان.

ئېلىجان ئانايەتمۇ مۇخبىرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى»نىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتەك جىنايەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: «مۇقىملىقنى ساقلاش بىلەن بىرگە تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق» دەپ جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1134 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2022 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق