خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى كېڭەيتمەكتە

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى خىتاي پۇقرالىرىنى ھەرخىل ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئويلىغاندەك ئۈنۈمى بولمىغان. يېقىندىن بېرى ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خىتاي شىركەتلىرىنى ھەرخىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىشقا ئۈندىگەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى 29-دېكابىر شېنجېن شەھىرىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى تۈرلىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا خىتاي كارخانىچىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئۈچ تۈردە كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 12 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىغا ئاساسەن تەشكىللەنگەن مەزكۇر تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىلەن شېنجېن شەھىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى» بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن.

كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشكەن خىتاي ئاققۇنلىرىغا ھەقسىز يەر ۋە بىر يۈرۈش ئۆي بېرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ خىتاي سودىگەرلىرىنى ھەرخىل ئېتىبار بېرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن، شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىشقا ئۈندەشكە باشلىغانلىقىنى، خىتاي شىركەتلىرى مەبلەغ سالغاندىن كېيىنلا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا خىتاي شىركەتلىرىگە يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1059 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2022 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق