ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى روي كوپېرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئەپ دېتالى تىك توكنىڭ كارولىنا ئىشتاتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدىكى ئىشلىتىلىش ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، روي كوپېرنىڭ باياناتچىسىنىڭ خىتاي ئەپ دېتالى تىك توكنى تەكشۈرگەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرى چارشەنبە كۈنى ئىشتات ئاۋام پالاتاسىدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيە ئەزاسىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئىشتات باشلىقلىرىدىن مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ ئەپ دېتالى تىك توكنىڭ دۆلەت تارقاتقان كومپيۇتېر، تېلېفون ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، لىنكولىن ئىشتاتىدىكى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيسون ساين
ۋە گىلفورد ئىشتاتىدىكى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون خاردىستېر
كوپېرغا تىك-توكنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ھەققىدە مەكتۇپ يارغان. مەكتۇپتا: «بۇ بىر دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى، چوقۇم تېز ۋە كەسكىن ھەرىكەت قىلىش كېرەك. ئەگەر سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلار ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالغان تەقدىردە شىمالى كارولىنا ئىشتاتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتى بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئابۇنىتلارنىڭ سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكى ۋە خاتا ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەبلىك 15 تىن ئارتۇق ئىشتاتتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىشتات باشلىقلىرى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىگە تىك توكنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشكە بەلگىلىك چەكلىمە قويغان. ئۇندىن باشقا پىرېزىدېنت جو بايدىن ئىمزالىغان ھەممىباب چىقىم قانۇن لايىھەسى ئىچىدە، تىك توكنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىشنى چەكلەش ھەققىدىكى مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ