خىتاي كۆچمەنلەر ئىدارىسى 27-دېكابىر كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش سىياسەت-تەدبىرى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەدبىر 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 29-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر سىياسەت-تەدبىردە مۇنۇلار ئۇقتۇرۇلغان: «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش، زىيارەت قىلىش سەۋەبىدىن ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس قىلىشىنى قوبۇل قىلىش، تەستىقلاش تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ ساياھەت، سودا ئىشلىرى بويىچە خوڭكوڭغا بېرىش رۇخسىتىنى بېجىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، خىتاي مىقياسىدا چېگرادىن چىقىش-كىرىش يول خېتى بېرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، چېگرا رايونلارنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىش يول خېتى بېرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ».
كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە قۇرۇقلۇق يولى يولۇچى توشۇشنى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، چېگرا ئاھالىسى يولىدا يولۇچىلار ۋە چېگرا ئاھالىسىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، چېگرا ئاھالىسى يولىنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدۇ. خوڭكوڭ، ماكاۋ پورتىغا قوشنا چېگرا تەكشۈرۈش تېز يولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ خوڭكوڭ، ماكاۋغا بېرىش-كېلىش يول خېتى، خوڭكوڭ، ماكاۋ ئاھالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىش-كېلىش يول خېتى قاتارلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار چېگرا تەكشۈرۈش تېز يولى ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتسە بولىدۇ».
بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ مەزكۇر ئېچىۋېتىش سىياسىتى باشلىنىشى بىلەنلا نۇرغۇن خىتايلار بەس-بەستە خىتايدىن ئايرىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، شىددەت بىلەن يامراۋاتقان خىتاي ۋىرۇسىغا بولغان ئەندىشە تۈپەيلى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئارقا – ئارقىدىن خىتايدىن كېلىدىغانلارغا قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تېخىچە قامال رەسمىي شەكىلدە بوشىتىلمىغان شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىدىغان قىلىنمايدىغانلىقىمۇ دىققەت قوزغىماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ