خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك تەيۋەن بوغۇزىدىكى كىرىزىسنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئەرلەرنىڭ مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 27-دېكابىر 2024-يىلدىن باشلاپ پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى تۆت ئايدىن بىر يىلغىچە ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سەي يىڭۋېننىڭ ئېيتىشىچە، زاپاس ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەزگىلىدىكى مەشىق مەزمۇنى كېڭەيتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە نەيزىلىك قورال، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقا تۈرلەر كۆپەيتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەت قىلغانلارنىڭ مائاشى رەسمىي ھەربىي خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ مائاشىغا يېقىن سەۋىيەدە ئۆستۈرۈلىدىكەن.
سەي يىڭۋىن يەنە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى 300 كۈندىن ئاشقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى رايونىغا قىلغان تەھدىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى، تەيۋەن مۇستەبىتلىككە قارشى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن بىر ۋاقىتتا، مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە تىنچلىقنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدىغانلىقىنى، تەييارلىق قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ: «مەن تەيۋەننىڭ پىرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك» دېدى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاقىللار ئامبىرى تەيۋەن دۆلەتلىك بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۇ زىيۇن تاراتقۇلارغا: «تەيۋەن تېخىمۇ كۆپ ھەربىي تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش مەسىلىسىمۇ ئەسكەر سانىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەش قائىدىسىنى كېڭەيتىش زۆرۈر» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 28-دېكابىر تەيۋەننىڭ مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەت مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تەيۋەن خەلقىنى ھەم ئالدىماقچى بولدى، ھەم تەھدىت سالدى.
ئۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن قىلغان سۆزىدە: «ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشى بارلىق خىتاينىڭ ئورتاق ئىرادىسى، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي يۈزلىنىش. بىز كەڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ ھەققانىيەتنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىغا، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئەگىشىپ زەمبىرەك يېمى بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن شەكىلدە سۆز قىلىپ، جۈملىسىنىڭ بېشىدا ئالدامچىلىق قىلسا، ئاخىرىدا ئوچۇق تەھدىت سالدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ