ما شىڭرۈي شەرقىي تۈركىستاننى ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 28-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى يەتكۈزگەن ما شىڭرۈي يېزا-كەنتلەر ۋە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم ئىش قىلىپ تۇتىدىغانلىقىنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئاشلىق، ماي، پاختا، مېۋە-چىۋە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ما شىڭرۈينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ مۇھىم ئاشلىق بازىسى قىلىشنى تەكىتلىشىنىڭ ئارقىسىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىۋاتقان ئىككى قاتلاملىق تېررور سىياسىتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى دېۋىزىيەلەرگە نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىپ كېڭەيتىپ تەرەققىي قىلىدۇرغان. نۆۋەتتە مەزكۇر دىۋېزىيەلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسلىق كۈچكە ئايلانغان. ئەمما يەرلىكتىكى دېھقانلار تېخىچە ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىشنى داۋام قىلغان. يەنە بىرى خىتاي ئاتالمىش «كوپىراتىپ» نامىدا دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئاتالمىش «ئىجارىگە بېرىش» نامىدا تارتىۋالغان. ئارقىدىن تېرىلغۇ يەردىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىپ قۇل ئەمگەكچىلىرىگە ئايلاندۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان چوڭ-كىچك، ئەر-ئايال دەپ ئايرىماستىن سەۋەبسىز لاگېرغا قاماش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان ئائىلىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرى ھەمدە باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق ئاتا-بالىدىن، ئەر-ئايالدىن ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى، يەرلىكتىكى دېھقانلاردىن تارتىۋالغان يەرلەرگە خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بىر قاتار تېررور سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 932 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2022 16:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق