شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى ناھىيەدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئونسۇ ناھىيەسى ۋە شايار ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، 28-دېكابىر كېچە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.82 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 79.58 گىرادۇس) 5.7 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىمۇ 3.6 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 28-دېكابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 19 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە، شايار ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.16 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.12 گىرادۇس) 3.6 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 100 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەر تەۋرەش ئاساسەن تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ 5 كىلومېتىر ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە ئېگىزلىك دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 985 مېتىر ئېگىز ئىكەن.

ئونسۇدىكى تەۋرەش ئېغىر بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى تېخىچە ئاپەت رايونىدىكى يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدا يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 200 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە جەمئىي 3 بال ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى 216 قېتىم يەر تەۋرىگەن. ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، 5.6 بال يەر تەۋرىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1021 قېتىم كۆرۈلدى
29/12/2022 18:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق