خىتاي ۋىرۇسى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە ۋۇخەندە پەيدا بولغاندىن كېيىن دۇنياۋى يۇقۇمغا ئايلىنىپ، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئالتە مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى ۋە ھېلىھەم مىليونلىغان كىشىلەرنى يۇقۇملاندۇرماقتا.
سۆزچى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،
ئىتالىيەدىن كىشىنى چۆچۈتىدىغان بايانات كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ چېگرالارنى ئېچىشى بىلەن تەڭلا خىتاي ساياھەتچىلەر نۇرغۇن دۆلەتلەرگە دەم ئېلىشقا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى، ئىتالىيەنىڭ خىتاي يولۇچىلارغا قارىتا ئالغان قارارىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبنىڭ خىتايدىن ئىتالىيەگە كەلگەن ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى تەكشۈرۈش سىنىقىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقى، شاڭخەي ۋە بېيجىڭدىن كەلگەن ئىككى ئايروپىلاندىكى %50 يولۇچىنىڭ تەكشۈرۈشىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
لومباردى رايونىنىڭ سەھىيە مەسئۇلى 26-دېكابىر خىتايدىن مىلانغا يېتىپ كەلگەن ئايروپىلاندا 92 يولۇچىنىڭ 35 ىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سىنىقىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى، ئىككىنچى ئايروپىلاندىكى 120 يولۇچىنىڭ 62 سىنىڭ مۇسبەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرى ئورازىيو شىللاچى: «يېڭى قارار ئىتالىيە خەلقىنى ۋىرۇسنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرىدىن قوغداش ۋە ۋىرۇسنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلدى» دېدى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىنلا ھەرقايسى دۆلەتلەر خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ خىتايدىن چەكلىمىسىز چېگرادىن چىقىشىنىڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەرخىل تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا باشلىماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر