خىتاي رېجىمى 2023-يىلى 8-يانۋار چېگراسىنى قايتىدىن ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدا شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىتالىيە، ياپونىيە، مالايشىيا، تەيۋەن ۋە ھىندىستان قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارغا سىناق ۋە كارانتىن قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويدى.
24-نويابىردا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت پاجىئەسىدىن كېيىن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا قوزغالغان نامايىشلار نەتىجىسىدە، خىتايدا 2020-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «نۆل يۇقۇم» سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن ئەۋجىگە چىققان يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىماستىن، خىتاي رېجىمى 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى چېگراسىنى قايتىدىن ئاچىدىغانلىقىنى، خىتايغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىمۇ كارانتىن قىلمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئىتالىيە، ياپونىيە، مالايشىيا، تەيۋەن ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارغا سىناق ۋە تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى يولغا قويدى. ئىتالىيە خىتايدىن كەلگەن بارلىق يولۇچىلارغا مەجبۇرىي خىتاي ۋىرۇسى سىنىقىنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرى ئورازىيو شىللاچى بۇنىڭ ۋىرۇسنىڭ ھەر قانداق يېڭى نۇسخىسىنى نازارەت قىلىش، پەرقلەندۈرۈش ۋە ئىتالىيە نوپۇسىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ياپونىيەمۇ خىتايغا ئۇچىدىغان ۋە خىتايدىن كېلىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىشنى قارار قىلىش بىلەن بىرگە، 30-دېكابىردىن باشلاپ، خىتايدىن كەلگەن بارلىق يولۇچىلار ۋە يېقىنقى يەتتە كۈن ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلغانلاردىن چوقۇم ۋىرۇس تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا يەتتە كۈن، كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا بەش كۈن كارانتىن قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھىندىستانمۇ ئوخشاشلا خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ ساياھەتتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ياكى مۇسبەت چىققان يولۇچىلارنىڭ كارانتىن قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تەيۋەنمۇ 1-يانۋاردىن 31-يانۋارغىچە خىتايدىن ھاۋا ياكى دېڭىز ئارقىلىق كەلگەن يولۇچىلارنى سىناق قىلىشنى مەجبۇرىي يولغا قويىدىغانلىقىنى، نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلارنىڭ يالغۇز كارانتىن قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مالايشىيا بولسا خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قوشۇمچە نازارەت قىلىش ۋە كۆزىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.
ئامېرىكا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن بارلىق ساياھەتچىلەرگە خىتاي ۋىرۇسى سىنىقى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە ئەمەلدارى: «خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا تارقىلىشىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى يېڭى نۇسخىلارنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ» دېدى.
بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بايانات ئېلان قىلىپ، «غەرب دۆلەتلىرى ۋە تاراتقۇلار خىتاي ۋەزىيىتىنى مۇبالىغىلەشتۈردى» ۋە «خىتاينىڭ يۇقۇم سىياسىتىنى بۇرمىلىدى» دەپ ئەيىبلىدى ۋە يىللاردىن بۇيان ھېچقانداق تېببىي ئەخلاق، يۇقۇمنى چەكلەش مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان سىياسەتلىرىنى كۆرمەسكە سالغان ئاساستا نومۇسسىزلارچە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم سىياسىتىنىڭ «ئىلىم-پەننى ئاساس قىلغان» تەرىقىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، يۇقۇم سىياسىتىنىڭ سودىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنى، چېگرا ھالقىغان ساياھەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ، مۇقىملىقنى ساقلىشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىدى.
نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى، يۇقۇم سانىنى ئېلان قىلىشنى چەكلىگەن خىتايدا كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچى سانىنىڭ تەخمىنەن ئىككى مىليون دەپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
خىتاي نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئورتاقلاشمىسىمۇ، جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىدىكى بىنورمال زىچلىقنىڭ ئېشىشى، يەنە نۇرغۇن سېسترا ۋە دوختۇرلارنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ئامېرىكا ساغلاملىق ئۆلچەم ۋە باھالاش تەتقىقات ئورنى (IHME) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى خىتايدا بىر مىليون كىشى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسلۇق دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتتە %60 ئاھالە يۇقۇملىنىدىكەن. بۇ سەۋەبلىك خىتايدىكى يېڭى دولقۇننىڭ ۋىرۇسنىڭ يېڭى نۇسخىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى ئەندىشە قوزغىماقتا.
ئانالىزلاردا: «خىتاينىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش ئۇسۇلى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، بۇ مەزگىلدە مىليونلىغان كىشىلەر يۇرتىغا قايتىدۇ ياكى دۆلەت ئىچى ياكى خەلقئارالىق دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. خىتاي ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان خىتاي چەت ئەللىكلەرگە ۋىزا ۋە ئۆز پۇقرالىرىغا پاسپورت تارقىتىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ خەتەرلىك ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ھەرقايسى دۆلەتلەر خىتايغا قارشى يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلماقتا» دېگەنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر