خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27-دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى بۇ يىل سانائەت شىركەتلىرى پايدا نىسبىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە خىتاي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي پايدىسى 7 تىرىليون 717.96 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %3.6 تۆۋەنلىگەن. ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىلقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن بولۇپ، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %3.0 چۈشۈپ كەتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 41 چوڭ سانائەت كەسپى ئىچىدە 1-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 21 كەسىپنىڭ ئومۇمىي پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلىگەن. قارا مېتال تاۋلاش زەنجىرى ۋە ئايلانما پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى %94.5 تۆۋەنلىگەن. ئۇندىن باشقا 20 دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ئومۇمىي پايدىسى ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش سانائىتىنىڭ پايدىسى %47.2 ئاشقان.
خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سانائەت بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستاتىستىكا خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقۇمنىڭ قايتا قوزغىلىشى ۋە ئېھتىياجنى قامداشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن خىتاي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ئاستىلاپ، شىركەتلەرنىڭ سودا بېسىمى بارغانچە ئاشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %7.9 تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى 10 ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %8.1 تۆۋەنلىگەن. خۇسۇسى كارخانىلارنىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچىسى 2013-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان. نۆۋەتتە خىتايدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى خىتاي ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرىگە يەنە بىر قېتىم زەربە بەرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ