نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى «ساقچى پونكىتلىرى»نى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ چەت ئەلدە تەسىس قىلغان ئاتالمىش «ساقچى پونكىتلىرى»نى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي رېجىمى ئىزچىل ھالدا «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى»نىڭ بارلىقىنى رەت قىلماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۆز چېگراسى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان خىتاينىڭ مەخپىي «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى»نى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسپانىيەنىڭ مادرىدتتا پائالىيەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» ناملىق تەشكىلات بىر يۈرۈش تەكشۈرۈش دوكلاتى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ چەتئەلدە تەسىس قىلغان مەخپىي «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ ھەرىكىتىدىن ئېھتىيات قىلىشقا چاقىرغانىدى. ئارقىدىن 22-دېكابىر ياپونىيە خىتاينىڭ ياپونىيە تۇپرىقىدا مەخپىي «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

20-دېكابىر كورىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ مەخپىي «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ مەخپىي «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» بۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ مەخپىي «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» تورىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، دوكلاتتا ئاشكارىلىشىچە، «110» خىتايدىكى ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى بولغاچقا، مەزكۇر مۇلازىمەت پونكىتلىرى «چەت ئەلدىكى 110» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ چەت ئەللەردە «ئون نەچچە دۆلەت ۋە بەش قىتئەدە» كەم دېگەندە 54 ئورۇندا «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى قۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى خىتاينىڭ چەت ئەللەردە قانۇنسىز تەسىس قىلغان ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت مەركەزلىرى» ياكى «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بىر نەچچە دۆلەت ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 689 قېتىم كۆرۈلدى
29/12/2022 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق