قاغىلىق ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ 27-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 18 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 37.32 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76.27 گىرادۇس) 3.0 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 111 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يەر تەۋرەش ئاساسەن تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ 5 كىلومېتىر ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 3060 مېتىر ئېگىز ئىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاپەت جەريانىدىكى يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدا يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 200 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە جەمئىي 3 بال ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى 213 قېتىم يەر تەۋرىگەن. ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى بۇ يىل 16-مارت كەشمىردە يۈز بەرگەن بولۇپ، دەرىجىسى 5.5 بال بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1073 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2022 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق