ئامېرىكا ۋە ھىندىستان خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قارىتا تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قارىتا خىتاي ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتايدا شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ۋە ھىندىستان خىتايدىن كەلگەنلەرگە قارىتا بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلمەكتە.

بىلۇمبېرگنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا خىتاينىڭ يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا سەھىيە خادىملىرى خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلار ئۈچۈن بىر قىسىم يۇقۇم تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئويلاشماقتىكەن.

شۇنداقلا ھىندىستانمۇ خىتايدىن كەلگەنلەر ئۈچۈن يېڭى يۇقۇم تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى خىتايدىن كېلىدىغان يولۇچىلارنىڭ ۋىرۇس سىنىقى قىلىشىنى مەجبۇرىي قىلدى ۋە خىتايدىن كەلگەنلەردە ۋىرۇس بايقالسا، بۇ كىشىلەرنىڭ كارانتىن قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا ئەۋج ئېلىشىدىن كېيىن، مالايشىيامۇ قوشۇمچە تەدبىرلەر ئېلان قىلدى. مالايشىيا سەھىيە مىنىستىرى دوكتور نۇر ھىشام ئابدۇللا يېڭى دولقۇننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى، سىناق، ۋاكسىنا ۋە يۇقۇمنى ئىز قوغلاش ئىلتىماسىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى ۋە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ئامېرىكا دورىگەرلىك شىركىتى Pfizer خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، ئېغىزدىن ئىستېمال قىلىنىدىغان Paxlovid دورىسىنىڭمۇ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 705 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2022 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق