خىتاينىڭ سىن دېتالى تىك توكنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى بارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىشى چەكلەندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، سەيشەنبە كۈنىدىن تارتىپ بارلىق پارلامېنت ئەزالىرى ۋە خىزمەتچىلەر ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنىلەردە خىتاي ئەپ دېتالى تىك توكنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن. مەزكۇر ئەپنىڭ بىر قاتار بىخەتەرلىك مەسىلىلەر سەۋەبىدىن چەكلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى مەزكۇر يېڭى قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى نۇرغۇن ئىشتات ھۆكۈمەتلىرى ھەرىكەتكە كېلىپ، تىك توكنىڭ ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلىتىلىشىنى چەكلەش توغرىسىدا بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. ئالدىنقى ھەپتىگە قەدەر، ئامېرىكىدىكى 19 ئىشتات خىتاينىڭ ئامېرىكىلىقلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش قىلمىشلىرىدىن ئەنسىرەپ، تىك توك ئەپ دېتالىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىۋاتقان قىسمەن ئۈسكۈنىلەردە چەكلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ماقۇللانغان 1 تىرىليون 660 مىليارد دوللارلىق ئومۇمىي چىقىم قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىلى 30-سېنتەبىرگىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تىك توك ئەپ دېتالىنى فېدېراتسىيە باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى بار ئىكەن. لايىھەگە پىرېزىدېنت جوۋ بايدىن ئىمزا قويغاندىن كېيىن قانۇنغا ئايلىنىدىكەن.
ئاۋام پالاتا خىزمەتچىلىرىگە يوللانغان ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، تىك توكنى ئۈسكۈنىسىدە ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم ئۆچۈرۈشى، شۇنداقلا بۇ دېتالنى بۇندىن كېيىن چۈشۈرۈشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىك توكنى پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ