خىتاي ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاتالمىش «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى جازالىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، سابىق ئىدارە باشلىقى قورچاق ئەمەلدار تۇردىمەمەت روزى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا «بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ئىدارىنىڭ ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش» دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ جازالىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تۇردىمەمەت روزى 2013-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان بولۇپ، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 462 مىڭ 600 يۈەن بولىدىغان بولۇپ، تۇردىمەمەت روزىغا خىتاي كومپارتىيەسىدىن قوغلاندى قىلىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەرگەندىن باشقا، ئۇنىڭ جىنايىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

جازالانغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، سابىق مۇدىر قورچاق ئەمەلدار مۇختەر ھەسەن بولۇپ، ئۇنىڭغا «بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش» دېگەندەك تۆھمەتلەرنى ئارتىپ جازالىغان.

خەۋەردە قورچاق ئەمەلدار مۇختەر ھەسەننىڭ 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئوبيېكتى ۋە قول ئاستىدىكىلەر سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم ۋە پۇللارنى ئالغانلىقى، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 120 مىڭ 800 يۈەن بولىدىغانلىقى، 2021-يىلى 4-ئايدا، ئوغلىنىڭ توي زىياپىتىنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، قول ئاستىدىكى ئون كىشى سوۋغا قىلغان جەمئىي 30 مىڭ يۈەننى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قورچاق ئەمەلدار مۇختەر ھەسەنگە پارتىيەدىن قوغلاندى قىلىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلگەندىن باشقا، ئۇنىڭ مەسىلىلىرىمۇ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىكى قانلىق باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش تېررور سىياسىتىنى ئاددىي پۇقرالارغا ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ئورگانلىرىدا جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغىچە كېڭەيتكەن بولۇپ، ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تازىلاش» نامىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ۋە زىيالىيلارنى، ئوقۇتقۇچى-يازغۇچىلارنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە باستۇرماقتا ۋە مائارىپ، نەشرىيات، ئاخبارات ساھەسى خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر زەربە نىشانىغا ئايلانماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1011 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2022 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق