سەرخىللار مائارىپى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدا ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنى سېستىمىلىق تەربىيلەش ۋە ئۇلارنى ھەرقايسى ساھەلەردە ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تەييارلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان سەرخىللار مائارىپى خىزمەتلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك داۋام قىلماقتا.

25 – دېكابىر 2021-2022-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىم ئسىتانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا سەرخىللار مائارىپى قۇرغۇچىسى دوكتور مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر باشلىق بارلىق ئوقۇتقۇچىلار، تۈركىيە ئىچى – سىرتىدىن قاتناشقان ئاكادېمىكلار ۋە سەرخىللار مائارىپىنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى قاتناشتى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن سەرخىللار مائارىپى قۇرغۇچىسى دوكتور مەھمۇدجان ئۆزئۇيغۇر سۆز قىلىپ، ئالاھىدە مائارىپنىڭ بىر مىللەتنىڭ كۈچلىنىشىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە ئۈچ قارارلىق سەرخىللار مائارىپى ئومومىي ئەھۋالىدىن قىسقىچە خۇلاسە قىلدى ھەمدە يېقىن كەلگۈسىدە سەرخىللار ئائىلىسىدىكى ياش نوتىلارنىڭ چوقۇم مېۋە بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى.

ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا تەييارلىغان ھەرخىل لېكسىيە، شېئىر ۋە قىزىقارلىق نومۇرلارنى تەقدىم قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

پائالىيەت ئارىسىدا دوكتور رىشات ئابباس سەرخىللار مائارىپىنىڭ مۇھىملىقى، بالىلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلىرىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا دوكتور راھىلە قەشقىرى بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېس قىلغانلىرىنى ۋە ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

ئاخىرىدا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىندى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا شاھادەتنامە تارقىتىپ بېرىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1000 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2022 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق