ئاتۇشتا يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە 3.1 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ 26-دېكابىر خەۋر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە شۇ جاي ۋاقتى 15 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە (شىمالىي كەڭلىك 39.25 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇقى 73.65 گرادۇس) 3.1 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاپەت جەريانىدىكى يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.
بۇندىن سىرت، 2020-يىلى 31-يانۋار يەنە ئاتۇش شەھىرىدە (شىمالىي كەڭلىك 39.87 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77. 14 گىرادۇس) 4 بال يەر تەۋرىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە ئۇچتۇرپان ئەتراپىدىكى 200 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە 99 قېتىم 3 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن. بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغىنى 2020-يىلى 19-يانۋار ئاتۇشتا يۈز بەرگەن 5.2 بال تەۋرەش بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 930 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2022 17:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق