خىتاي شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز، ھاۋا تەۋەلىكىدە كۆپ خىل ئارمىيە قىسىملىرىنى ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە بىرلەشمە مۇداپىئە-چارلاش ۋە ئوت كۈچى بىلەن زەربە بېرىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىگەن.
خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26 دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى شى يى 25-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز، ھاۋا تەۋەلىكىدە كۆپ خىل ئارمىيە قىسىملىرىنى ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە بىرلەشمە مۇداپىئە-چارلاش ۋە بىرلەشمە ئوت كۈچى بىلەن زەربە بېرىش مانېۋىرىغا تەشكىللىگەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش قىلمىشىغا قارىتىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملىرىنىڭ بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 24-دېكابىر پىرېزىدېنت بايدېن ئامېرىكىنىڭ «2023-يىللىق مالىيە يىلى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» غا ئىمزا قويغان بولۇپ، قانۇندىكى 858 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان ئومۇمىي ھەربىي چىقىم ئىچىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەش يىل ئىچىدە تەيۋەننى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ھەربىي ياردەم ۋە 2 مىليارد دوللار ھەربىي قەرز بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەمدە تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى تېزلىتىش ھەققىدىكى مەزمۇنلار بار بولۇپ، مەزكۇر مەزمۇنلار ئىلگىرىكى ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى» دە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بەلگىلىمە ئىكەن. شۇ سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ھەيۋە قىلىپ مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ